شىنجاڭغا قايتىش
30-يىللاردىن باشلاپ يەتتەسۇ تەۋەسىدىمۇ كولخوز قۇرۇلۇشقا باشلىغانىدى. كولخور دېيىلگىنى شەخىسىلەرنىڭ خۇسۇسىي ئىگىلىكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ،ئۇلارنى چوڭ كوللېكتىپ قىلىپ تەشكىللەپ،كوللېكتىپ ئەمگەك قىلىدىغان ،كوللېكتىپنىڭ قىلغان ئەمگىكىدىن ھاسىل بولغان دارامەتنىڭ بىر قىسىمىنى دېقانلارنىڭ ئەمگەك كۈنىگە ئاساسەن ئۇلارغا تەقسىملەپ بېرىدىغان بىر خىل ئىگىلىك شەكلى ئىدى.بۇنداق كوللېكتىپ ئىگىلىك شەكلىنى بەرپا قىلىش جەريانىدا،كۆپ يەر-زېمىن ئىگىلىگەن زېمىندارلار باي-كولاك دەپ ئايرىلىپ،باستۇرۇلدى،قامالدى ياكى سۈرگۈن قىلىندى .شىددەت بىلەن ئېلىپ بېرىلغان كوللېكتىپلاشتۇرۇش نەتىجىسىدە بىر قىسىم ھاللىق دېقانلار سەرسان بۇلۇپ تەرەپ-تەرەپكە پىتىراپ كەتتى.
بۇ خىل سىياسەتتىن ۋەھىمىگە چۈشكەن لۇتپۇللانىڭ دادىسى ھېزىمئاخۇن ئۆزىنىڭ ئىمامەتچىلىك كەسپىنى تاشلاپ بىر كېچىدىلا غۇلجا تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەنىدى.بۇ ئىشلارنىڭ تېگى –تەكتىنى تازا ئاڭقىرىپ كېتەلمىگەن لۇتپۇللا پات-پاتلا دادىسىنى سېغىنىپ ئاپىسىدىن:
-ئاپا،دادام نەگە كەتتى؟ بىزمۇ شۇ ياققا بارىمىز دەۋاتاتتىڭ،قاچان بارىمىز؟دادام بەك يىراقتىمۇ؟-دەپ سوراپ قوياتتى.ئاقىۋەت ئۇلارمۇ يۈك –تاقلىرىنى بىر ھارۋىغا بېسىپ يولغا چۈشتى.
لۇتپۇللا ئائىلىسى ئاخىرى جۇڭگونىڭ شىنجاڭ تەۋەسىگە ئۆتۈپ،ئىلى ۋىلايىتىنىڭ نىلقا ناھىيسىگە ماكانلاشتى .نىلقىدا ئۇ چاغلاردا يېڭىچە مەكتەپلەر قۇرۇلمىغانىدى ، شۇڭا كىچىك لۇتپۇللا دەسلەپتە ناھايىتى زىرىكتى .يىراقتا قالغان مەكتىپىنى ،دوستلىرىنى بەكمۇ سېغىنغاندى .بىراق نىلقىدىمۇ ئادەمنى ئۆزىگە تارتىدىغان ،مەھلىيا قىلىدىغان ئۆزگىچە بىر مەكتەپ ئىدى . ئۇ يەردىمۇ لۇتپۇللا دېمەتلىك بالىلار ، قىزىق ئويۇنلار ،تىك تاغلار ،بۈك توقايلىقلار ۋە دولقۇنلۇق دەريالار بار ئىدى.ئۇزاق ئۆتمەي لۇتپۇللا نىلقا بالىلىرى ئارسىغا سىڭىپ كەتتى.
لۇتپۇللانىڭ جامائەتكە ئارلىشىش دائىرسى كېڭەيگەنسېرى،ئۇنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان ئاشۇ مۇھىتتىكى ھەر بىر نەرسىگە بولغان كۆزىتىشى ئېشىۋاتاتتى .ياز كۈنلىرى ئۇ يەنە ئېتىزلاردا كۆتەك ھارۋىلاربىلەن بۇغداي ئۈنچىلىرىنى توشۇۋاتقان جۇل-جۇل كىيىملىك دېقانلار ھەم تومۇز ئاپتىتىدا قارىداپ كەتكەن يېرىم يالىڭاچ ئورمىچى بالىلار بىلەن دائىم بىللە بولاتتى .ئۇلارنىڭ كېچە –كۈندۈز تىنىم تاتماستىن ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆرەتتى .بىراق خاماندا قىزىل چەشلەر دۆۋىلىنىپ ھەممە تەييار بولغاندا، شايى –دۇخاۋىلاردىن كىيىم كىيگەن بىر توپ كىشلەر ئاتلىق، ھارۋىلىق ۋە قوراللىق كېلىپ خاماننى پاك –پاكىز قۇرۇغداپ كېتەتتى.ئالتە ياز كەتمەن چاپقان،ئورغاق تۇتقان،خامان تەپكەنلەر ئاخىرىدا ئارا-گۈرجەك ۋە بىر –ئىككى تاغار چار بىلەن سامانغىلا ئىگە بولۇپ قالاتتى.بۇنداق چاغلاردا ھېلىقى شايى تونلۇقلار ،قوراللىقلار لۇتپۇللانىڭ گۆدەك قەلبىدە پۈتمەس –تۈگىمەس نەپرەت ئويغاتقانىدى.
ئۇ قەھرىتان قىش كۈنلىرى جۇل-جۇل كىيىملەردىن بەدەنلىرى كۆرۈنۈپ قالغان ،ياماق خالتىلارغا قاچىلۋالغان قوماچلىرىنى تالقان قىلىش ئۈچۈن تۈگمەنلەرگە ئالدىراپ ماڭغان ئادەملەرنى، ئەسكى چورۇق كىيىۋالغان،چىرايىدىن دەردمەنلىك،ئۈمىدسىزلىك ۋە ھەسىرەت چىقىپ تۇرغان بالىلارنى كۆرۈپ يۈرىكى ئېچىشاتتى.«بۇ تەڭسىزلىكنىڭ سەۋەبى زادى نەدە؟نىمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا پىغان ئىچىدە ياشايدۇ؟»لۇتپۇللا بالىلىق زېھنىدە پەيدا بولغان بۇ سوللارغا جاۋاپ تاپالماي تىت-تىت بولاتتى .ئۇ ئىچىنى تاتلاپ ئارام تاپقۇزمايۋاتقان ئاشۇ سوئاللارنى بىر كۈنى كەپتە دادىسىدىن سورىدى:
-دادا،نىمە ئۈچۈن ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئوخشاش ئەمەس؟
-قانداقچە ئوخشاش ئەمەس ئىكەن ؟ھەممىسىنىڭ بېشى بار ،پۇتى بار ،ئوخشاش تۇرمامدۇ؟-لۇتپۇللا نىڭ سوئالىغا ھەيرانلىق بىلەن جاۋاپ بەردى دادىسى.
-ياق،-دېدى لۇتپۇللا،-ئوخشاش ئەمەس ئىكەن،بۇ يەردىكىلەر بەك كەمبەغەل ئىكەن ،ئېغىر ئىشلارنى قىلدىكەن،كىيگەن كىيىملىرى جۇل-جۇل ،يىنىدا بىر تال قەلەمتىرىچىمۇ يوق ئىكەن.ئۆتكەن كۈنى شەھەردىن چىققانلار نېمىدىگەن باي؟ئۇلارنىڭ چۈشكەن ھارۋىلىرىمۇ ئاجايىپ ئېسىل ئىكەن،ئۇلارنىڭ تىخى مىلتىقلىرى بىلەن بىر توپ ئەسكەرلەر قوغداپ يۈردىكەن ...
-ھە،-دېدى دادىسى ئۇنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى چۈشىنىپ،-ئەسلىدىغۇ ھەممە ئادەم خۇدانىڭ بەندىسى بولغاندىن كىيىن ئوخشاش بولىشى كېرەك ئىدى.بىراق زامان شۇنداق بولغاچقا...ھەي...بولدى ،قوي بۇنداق گەپلەرنى...،-دادىسىنىڭ چىرايى بىردىنلا تۇتۇلۇپ كەتتى.ئۇ نىمىلەردۇر بىر نەرسىلەردىن خاپا بولغاندەك قولىنى سىلكىپ قۇيۇپ مەستچىكە چىقىپ كەتتى .سۆھبەت ئايىغى چىقماي تۈگىدى.بۇنىڭدىن تېخىمۇ ئەجەپلەنگەن لۇتپۇللا شۇ كېچە خېلىغىچە ئۇياق –بۇياققا ئۆرۈلۈپ چىقتى...
ئارىدىن يەنە خېلى ۋاقىتلار ئۆتۈپ كەتتى . لېكىن ،لۇتپۇللانىڭ كاللىسىدىكى ھېلىقى ئايىغى چىقمىغان سوئاللار ئەگىپ يۈرەتتى. بىر كۈنى لۇتپۇللانىڭ كىچىك دادىسى بىر مۇنچە كىتابلارنى ئېلىپ كىلىپ قالدى.ئۇ لۇتپۇللانىڭ يېقىندىن بويانقى ئەھۋالىنى ،كىتاب ئوقۇپ تۇرغان –تۇرمىغانلىقىنى سۈرۈشتۈردى،ئاندىن لۇتپۇللا ھېلىقى سوئالنى كىچىك دادىسىدىن سورىدى.
-بۇ بىر مۇرەككەپ ھەم چۈشىنىش تەس بولغان بىر مەسىلە،-دەپ ئەستايىدىل جاۋاب بەردى كىچىك دادىسى،-سەن تېخى كىچىك، بىلىمىڭ ئاز،شۇڭا بۇنى ئاددىي قىلىپ چۈشەندۈرۈرۈش ناھايىتى تەس،بۇنى ئوبدان چۈشىنىشنىڭ بىردىنبىر يولى ئوقۇش ،ئۆگىنىش ،سەن كۆپ ئوقۇپ بىلىمىڭنى ئاشۇرساڭ ،ئادەملەر بىلەن ئادەملەر ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى بىلىۋالالايسەن ھەم جەمىئىيەتتىكى تەڭسىزلىكلەرنىڭ مەنبەسىنى كۆرۈۋالالايسەن.
شۇ كۈنى لۇتپۇللانىڭ كىچىك دادىسى بىلەن بولغان سۆھبىتى ئۇزۇن داۋام قىلدى.كىچىك دادىسى ئۇنىڭغا نۇرغۇن نەرسىلارنى سۆزلەپ بەردى.ئەمما لۇتپۇللا كىچىك دادىسىنىڭ جەمىئىيەت ۋە كىشلىك تۇرمۇش ھەققىدىكى سۆزلىرىنى تازا ئاڭقىرىپ كېتەلمىگەن بولسىمۇ،بىراق كىچىك دادىسىنىڭ:«كۆپ ئوقۇپ بىلىمىڭنى ئاشۇرساڭ ،ئادەملەر بىلەن ئادەملەر ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى بىلىۋەلالايسەن ھەم جەمئىيەتتىكى تەڭسىزلىكنىڭ مەنبەسىنى كۆرۈۋالالايسەن »دىگەن گېپى ئۇنىڭ گۆدەك قەلبىدىكى ئوقۇش ئارزۇسىنى يەنىمۇ ئويغاتتى.ئۇ قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن بىرەر مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇشقا قايتىدىن بەل باغلىدى.
چۈنكى ،شۇ كۈنلەردە ئۇنىڭ مەكتەپتىن ئايرىلغىنىغا بىر يىلچە قالغانىدى.
تەييارلىغۇچى:تۇنساگۇل
مەشھۇر شەخىسلەر ھەققىدە ھېكايىلەر قاينام ئۆركىشى لۇتپۇللا مۇتەللىپ دىگەن كىتابتىن ئېلىندى.