Canary شىركىتى سىرتتا ئىشلىتىدىغان بىخەتەر كامېرانى ئېلان قىلدى
ۋاقىت: 2016/9/22 12:07:00| يوللىغۇچى: قۇتيول

بېتا تورى خەۋىرى :

Canary شىركىتى بۈگۈن ئىككىنچى ئەۋلاد مەھسۇلاتىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، بۇ مەھسۇلاتنىڭ نامى بولسا Flex ئەقلىي ئىقتىدارلىق بىخەتەر كامېراسى. Flex كامېراسى بولسا Canaryنىڭ ھازىر بار بولغان بىخەتەر كامېراسىدىكى ھاۋا سۈپىتى سېنزورىنى چىقىرىۋەتكەن نۇسخىسىدۇر، ئۇ بىر ھاۋا سۈپىتى سېنزورى بولمىغان كامېرادۇر. Flex نىڭ خىزمەت پىرىنسىپى ئالدىنقى ئەۋلاد بىلەن ئوخشاش: ئەگەر ئۇ بىرەر ھەرىكەتنى بايقىسا دەرھال سىنغا ئېلىشنى باشلايدۇ، ئەگەر نورمالسىز ئەھۋاللارنى سەزسە ئۇ ئابونتنىڭ يانفونىغا ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، ئابونت ماس ھالدىكى يانفون ئارقىلىق ھەر ۋاقىت كامېرا سۈرەتكە ئالغان ئەھۋاللارنى كۆرۈپ تۇرالايدۇ.


ئەسلىدىكى مەھسۇلاتقا ئوخشاش Flexمۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئۆزى قىزىقىدىغان ماددا ياكى مۇھىتنى ئۆزلىگىدىن پەرقلەندۈرەلەيدۇ. Canaryنىڭ بىلدۈرۈشىچە، Flex ھازىر يوللىغان ئۇقتۇرۇشلارنىڭ سانى بۇرۇنقىدىن %25 تۆۋەنلىگەن، Flexنىڭ ئەڭ چوڭ نىشانى بولسا ئەھمىيتى بار ئۇچۇرلارنى يوللاش ئىكەن. ھازىرقى مەھسۇلاتلا بىلەن سېلىشتۇرغاندا Flexنىڭ ئىككى مۇھىم ئارتۇقچىلىقى بار ئىكەن، بىرى ئۇنىڭ ئىچىگە زەرەتلىنىدىغان باتارېيە سەپلەنگەن بولۇپ، نەچچە ئاي ئىشلىتىشكە بولىدىكەن؛ يەنە بىر ئارتۇقچىلىقى بولسا بۇ كامېراغا سۇ ئۆتمەيدىكەن، ياندا ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك بولۇپ، خالىغان جايغا ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدىكەن، ئۆي ئىچىگە ياكى سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشلىتىشكىمۇ بولىدىكەن.


ئۈندىدار سالونىمىزنى قوشىۋىلىڭ. ئىزدەش نۇمۇرى: KutyolNet

بېكەت ھەققىدە ئالاقلىشىڭ ھەمكارلىشىڭ سۆز قالدۇرۇڭ شىنجاڭ قۇتيول ئىلانچىلىق شىركىتى - 新疆酷德优广告有限公司
新ICP备14000049号-1 HosulCms تىن پايدىلىنىپ ياسالدى.