قەغەز زاكىنىڭ بوۋاقلارغا قانداق تەسىرى بار؟
ۋاقىت: 2016/9/23 12:22:00| يوللىغۇچى: قۇتيول


بىر قىسىم كىشىلەر قەغەز زاكا بوۋاقلارغا زىيانلىق دەپ قارايدۇ، بۇ توغرا ئەمەس.

بالىلار كېسەللىرى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، قەغەز زاكا بىلەن بوۋاق پۇتىنىڭ O شەكىللىك ياكى X شەكىللىك بولۇپ قېلىشىنىڭ مۇناسىۋىتى يوق ئىكەن. O شەكىللىك ياكى X شەكىللىك پۇت دېگىنىمىز تىز بوغۇمىنىڭ نورمالسىز يېتىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىرسىيەت ئامىلى، ئۆسۈپ يېتىلىش (مەسىلەن، ۋىتامىن D كەملىك خاراكتېرلىك راخىت كېسىلى )كە باغلىق بولۇشى مۇمكىن؛ بۇنىڭدىن باشقا بوۋاقلارغا بەك بالدۇر ئۆرە تۇرۇش ۋە يول مېڭىش مەشقى قىلدۇرۇش بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.

ئەنئەنىۋى زاكىلار يۇمشاق، راھەت ۋە ھاۋا ئۆتكۈزۈشچان بولىدۇ، ئەمما چوڭ، كىچىك تەرەت قىلغاندىن كېيىن تېرىنى غىدىقلىشى كۈچلۈك بولىدۇ، ۋاقتىدا ئالماشتۇرمىسا تېرە ئەسۋىسى پەيدا قىلىدۇ. قەغەز زاكا گەرچە ئەنئەنىۋى زاكىلاردەك يۇمشاق بولمىسىمۇ، تېرىنىڭ قۇرغاقلىقىنى ياخشى ساقلايدىغان بولغاچقا، بەلگىلىك دەرىجىدە تېرە ئەسۋىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بولىدۇ. ئەنئەنىۋى زاكىلارغا سېلىشتۇرغاندا ھاۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقى ناچارراق بولىدۇ، شۇڭا ئىشلەتكەن چاغدا چىڭ - بوشلۇقىغا ۋە ھاۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقىنىڭ ياخشى بولۇشىغا دىققەت قىلىش كېرەك.

پەن-تىخنىكا گىزىتىدىن ئىلىندى


ئۈندىدار سالونىمىزنى قوشىۋىلىڭ. ئىزدەش نۇمۇرى: KutyolNet

بېكەت ھەققىدە ئالاقلىشىڭ ھەمكارلىشىڭ سۆز قالدۇرۇڭ شىنجاڭ قۇتيول ئىلانچىلىق شىركىتى - 新疆酷德优广告有限公司
新ICP备14000049号-1 HosulCms تىن پايدىلىنىپ ياسالدى.