ئامېرىكىدا نىمكەش ئۆينىڭ سېتىلىشى 8-ئايدا %0.9 تۆۋەنلىدى
ۋاقىت: 2016/9/23 12:26:00| يوللىغۇچى: قۇتيول

سىنا تورى 22- سېنتەبر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

22-سېنتەبر ئېلان قىلىنغان ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتىدا زاپاس ئۆينىڭ قىس بولۇشى بىلەن ئامېرىكىدا 8-ئايدىكى نىمكەش ئۆينىڭ سېتىلىشى ئۇدا ئىككىنچى ئايدا تۆۋەنلىشى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

ئامېرىكا مۇقىم مۈلۈك سودا جەمئىيىتى (NAR)نىڭ 22-سېنتەبردىكى دوكلاتىدا ئامېرىكىدا 8-ئايدا نىمكەش ئۆينىڭ سېتىلىشى %0.9 تۆۋەنلىدى، پەسىل خاراكتېرلىك ئامىللار ئارقىلىق تەڭشەشتىن كېيىنكى يىللىق سان 5 مىليون 330 مىڭ بولۇپ، ئۆتكەن يىلقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئاران %0.8 ئاشتى، دېيىلدى.


MarketWatchنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلغان ئىقتىسادشۇناس بۇ سان 5 مىليون 480 مىڭ بولىدۇ، دەپ پەرەز قىلغانىدى.

8-ئايدا نىمكەش ئۆينىڭ سېتىلىشىدا ئېشىش كۆرۈلگەن بىردىنبىر رايون-شەرقىي شىمال رايونى.

ھازىرقى سېتىلىش سۈرئىتى بويىچە قارىغاندا پەقەت 4.6 ئايدىلا زاپاس ئۆينىڭ ھەممىسىنى تۈگەتكىلى بولىدىكەن، بۇرۇنقى بازارنىڭ تەمىنلەش-ئېھتىياج تەڭپۇڭلۇق كۆرسەتكۈچىدىكى سان بولسا 6 ئاي ئىدى. 8-ئايدىكى زاپاس ئۆي ئۇدا 15-ئاي ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تۆۋەن سەۋىيەدە تۇرغان.

زاپاس ئۆينىڭ قىس بولۇشى نىمكەش ئۆي باھاسىنى ئۆستۈرۈۋەتكەن. 8-ئايدىكى ئوتتۇرىچە سېتىلىش باھاسى 240 مىڭ دوللار بولۇپ، 2015-يىلى 8-ئايدىكىدىن %5.1 يۇقىرى بولغان.

8-ئايدا ئۆي سېتىۋالغانلار ئىچىدە تۇنجى قېتىم ئۆي سېتىۋالغۇچىلار كۆپ مىقداردا ئاشقان بولۇپ، %31نى ئىگىلىگەن. تۇنجى قېتىم ئۆي سېتىۋالغۇچىلار بازاردىكى يېڭى ئېھتىياجغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، لېكىن باھانىڭ يۇقىرى بولۇشى، قەرز ئەھۋالىنىڭ جىددىي بولۇشى ۋە نۇرغۇن مەبلەغچىلەرنىڭ بۇ سودىغا قاتنىشىشىغا ئەگىشىپ تۇنجى قېتىم ئۆي سېتىۋالغۇچىلار بەكمۇ قىيىن ئەھۋالدا قالغان.

 

ئۈندىدار سالونىمىزنى قوشىۋىلىڭ. ئىزدەش نۇمۇرى: KutyolNet

بېكەت ھەققىدە ئالاقلىشىڭ ھەمكارلىشىڭ سۆز قالدۇرۇڭ شىنجاڭ قۇتيول ئىلانچىلىق شىركىتى - 新疆酷德优广告有限公司
新ICP备14000049号-1 HosulCms تىن پايدىلىنىپ ياسالدى.