مىكروسوفت 10 يىل ئىچىدە راك كېسىلىنى ھەل قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى
ۋاقىت: 2016/9/23 12:30:00| يوللىغۇچى: قۇتيول

خەنزۇچە كەسپى ئۇچۇرلار تورى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا مىكروسوفت بىر تۈرلۈك ئۇلۇغۋار پىلاننى ئېلان قىلغان بولۇپ، كومپيۇتېر ئىلمىدىن پايدىلىنىپ، 10 يىل ئىچىدە راك كېسىلى مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ پىلان نۇرغۇنلىغان ئۇلۇغۋار تۈرلەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئادەمنى ئەڭ قىزىقتۇرىدىغىنى بولسا، ئالاھىدە كىچىك DNA كومپيۇتېرىنىڭ كەشىپ قىلىنىشى. بۇ خىل كومپيۇتېرنى ئادەم بەدىنىگە كىرگۈزگىلى ھەمدە يۈرگۈزگىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە راك ھۈجەيرىلىرىنى كۆزىتىپ ۋە بۇ راك ھۈجەيرىلىرىنى قايتىدىن كودلاشتۇرۇپ، راك ھۈجەيرىلىرىنى ساغلام ھۈجەيرىگە ئۆزگەرتىدۇ. بۇ پىلاننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ئۈچۈن مىكروسوفت ئېلېكتىرون ساھەسىدە چوڭقۇر تەتقىق قىلىپلا قالماستىن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن راك كېسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ھەر ساھەدىكى بىيولوگ ۋە كومپيۇتېر ئالىملىرىنى تەكلىپ قىلىدۇ.

كونكرېت تەتقىقات پىلانى تېخى مۇقىملاشمىغان بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تەتقىقات تۈرى ماشىنىلىق ئۆگىنىش ۋە كومپيۇتېر كۆرۈش سەزگۈسىدىن ئىبارەت. كومپيۇتېر كۆرۈش سەزگۈسى بولسا كومپيۇتېر توپلىغان ئۇچۇر ۋە سۈرەتلەر ياكى سىنلارنى سۈرەت تېببىي دوختۇرلىرىغا بېرىپ، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلاردىكى ئۆسمىنىڭ قانداق تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىشتىن ئىبارەت. بۇ ئەمەلىيەتتە تېخىمۇ نازۇك داۋالاش ھېسابلىنىدۇ.


يەنە بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسى ھېسابلاش ئۇسۇلى بەرپا قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئالاھىدە ئۆسمە تىپىغا ئەڭ ياخشى زەربە بېرىش ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلىدۇ.

تەتقىقاتچىلارنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بۇ پىلاننى ئاددىي ھالدا «راك ھۈجەيرىلىرى كۆرۈلگەن ھامان بەدەن ئىچىدىكى مىكرو كومپيۇتېر دەرھال ئۇنى سېزىدۇ، كېيىن زەربە بېرىش سىستېمىسى قوزغىلىپ، راك ھۈجەيرىلىرىنى ئۆلتۈرىدۇ.» دەپ چۈشىنىشكە بولىدىكەن.




مىكرو سوفت گېنومىكىسى گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى داۋىد ھېكېرمەن (David Heckerman) ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: «بىز راك كېسىلىنى داۋالاش ئۇسۇلىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتىمىز. 10 يىل ئىلگىرى كىشىلەر راك كېسىكىنى داۋالاش داۋالاش تەشكىلاتىنىڭ ئىشى دەپ قارايتتى. يەنى، ئەگەر مېڭە راكى بولۇپ قالسا مېڭە ئۆسمىسىنى داۋالاشنى چۈشىنىش كېرەك. ئۆپكە راكى بولۇپ قالسا، ئۇنداقتا ئۆپكە راكىنى داۋالاشنى قوبۇل قىلىش كېرەك. ھازىر ھەممىمىز ئىشىنىڭ بۇنداق ئەمەسلىكىنى بىلىمىز. بىز راك كېسىلىنىڭ گېن گۇرۇپپىسىنى داۋالىشىمىز كېرەك، چۈنكى راك كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇشى گېن گۇرۇپپىسىنىڭ يامان خاراكتېرلىك ئۆزگەرگەنلىكىدىن بولىدۇ.»

تەتقىقاتچى جاسمىن فىشېر (Jasmin Fisher) مۇنداق دېدى: «ئەگەر بىز راك كېسىلىنى ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىككە ئۆزگەرتەلىسەك، ئۇنداقتا مەسىلە ھەل بولىدۇ.»

تەتقىقاتچىلار بەزى راك كېسىلىنى داۋالاشقا 10 يىل كەتمەيدىغانلىقىنى، بەلكى بەش يىل ئىچىدە داۋالاش ئۇسۇلى بارلىققا كېلىشى مۇمكىنچىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۈندىدار سالونىمىزنى قوشىۋىلىڭ. ئىزدەش نۇمۇرى: KutyolNet

بېكەت ھەققىدە ئالاقلىشىڭ ھەمكارلىشىڭ سۆز قالدۇرۇڭ شىنجاڭ قۇتيول ئىلانچىلىق شىركىتى - 新疆酷德优广告有限公司
新ICP备14000049号-1 HosulCms تىن پايدىلىنىپ ياسالدى.