سامسۇڭ Galaxy C9 يانفونى 10-ئايدا ئېلان قىلىنىدۇ
ۋاقىت: 2016/9/23 12:35:00| يوللىغۇچى: قۇتيول


تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بۇ يىل 5-ئايدا سامسۇڭ جۇڭگودا بازىرىغا قارىتىلغان Galaxy C تۈرىدىكى ئىككى خىل يېڭى يانفونى Galaxy C5 ۋە Galaxy C7نى ئېلان قىلغان. بۈگۈنكى كۈندە، سامسۇڭ Galaxy C ئائىلىسىگە يەنە بىر يېڭى ئەزا قوشۇلدى، ئۇ بولسىمۇ سەپلىمىسى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان Galaxy C9دىن ئىبارەت. بۇ يانفوننىڭ ئۇچۇرى يېقىندا ھىندىستاندىكى zauba ئىمپورت-ئېكسپورت ماللار تور بېكىتىدە ئاشكارىلانغان، بۇ يانفونغا 6.0 دىيۇملۇق ئېكران سەپلەنگەن بولۇپ، 10-ئايدا رەسمىي ئېلان قىلىنىدىكەن.


سامسۇڭ Galaxy C9 يانفونىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئەڭ دەسلەپ چەتئەلدىكى SamMobile تور بېكىتىدە ئاشكارىلانغان، ئەينى ۋاقىتتا بۇ يانفوننىڭ مەخپىي نامى «Amy» ئىكەنلىكى، تىپ نومۇرىنىڭ SM-C9000 ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان، ئۇزۇن ئۆتمەيلا، مۇشۇ خىل تىپ نومۇرىدىكى يېڭى يانفوننىڭ ئۇچۇرى ھىندىستاندىكى zauba تور بېكىتىنىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدا پەيدا بولغان، ئەمما ئۇنىڭغا 5.7 دىيۇملۇق ئېكران سەپلىنىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. بۈگۈن zauba تور بېكىتىنىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدا SM-C9000نىڭ تىپ نومۇرى يەنە بىر قېتىم پەيدا بولغان، ئەمما ئېكران چوڭلۇقى 6.0 دىيۇم دەپ كۆرسىتىلگەن.

چەتئەل تاراتقۇلىرىغا بۇنىڭغا ئاساسەن، سامسۇڭ Galaxy C9 يانفونىنىڭ ئىككى خىل نۇسخىسى بارلىقىنى، بۇلارغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا 5.7 ۋە 6.0 دىيۇملۇق ئېكران سەپلىنىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان. ئەلۋەتتە، يەنە بىر خىل ئېھتىماللىق شۇكى، بۇرۇن ئاشكارىلانغان 5.7 دىيۇملۇق نۇسخىسى بۇ يانفوننىڭ دەسلەپكى سىناق نۇسخىسى بولۇپ، رەسمىي بېكىتىلگەندىن كىيىن ئېكران چوڭلۇقى 6.0 دىيۇمغا ئۆزگەرتىلگەن بولۇشى مۇمكىن.


سامسۇڭ Galaxy C تۈرىدىكى يانفونلار ئىچىدە بايراقدار دەرىجىلىك ئورۇندا تۇرغاچقا، Galaxy C9نىڭ سەپلىمىسى بەلگىلىك دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. ئىگەللىنىشىچە، بۇ يانفونغا كۇۋالكوم شىركىتى تەمىنلىگەن سنەپدراگون 652 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلىنىدىغان بولۇپ، بۇ Galaxy C7دىكى سنەپدراگون 625دىن ئىقتىدار جەھەتتە تېخىمۇ كۈچلۈك تۇرىدۇ. بۇندىن باشقا، يانفونىغا 4GBلىق ئىچكى ساقلىغۇچ ۋە 32GB/64GBلىق ئاساسىي ساقلىغۇچ ئىشلىتىلگەن، ئەمما كامېرا سەپلىمىسى Galaxy S7 بىلەن ئوخشاش بولۇپ، قوش كارتا ۋە ھەممە تورنى قوللايدۇ.


Galaxy C7

ئەلۋەتتە، بۇ يانفون Galaxy C تۈرىدىكى يانفونلارنىڭ مېتال گەۋدىلىك ۋە رەڭدار لايىھە ئۇسلۇبىغا ۋارسلىق قىلىدۇ، بارماق ئىزىنى تونۇش ئىقتىدار ۋە سامسۇڭ Pay ھەق تۆلەش سۇپىسىنى قوللايدۇ، بايراقدار دەرىجىلىك يانفونلار بىلەن تەڭ دەرىجىدە تۇرىدىغان ئېكرانى دائىم يورۇپ تۇرۇش تېخنىكىسى قوللىنىلغان. جۇڭگو بازىرىغا قارىتىلغان مەھسۇلات بولۇش سۈپىتى بىلەن، سامسۇڭ Galaxy C9 يانفونىدا جۇڭگولۇق ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇلغان ئىقتىدارلار كەم ئەمەس، مەسىلەن، قىزىل بولاق ئەسكەرتىش، ساختا قىسقا ئۇچۇرلاردىن مۇداپىئەلىنىش قاتارلىقلار، ئەلۋەتتە، سېتىلىش باھاسىمۇ تەبىئىي ھالدا يۇقىرى. ئۇچۇر تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، Galaxy C9 يانفونى 10-ئايدىن 11-ئايغىچە بولغان مەزگىلدە رەسمىي ئېلان قىلىنىدىكەن، ئەڭ بالدۇر بولغاندا كېلەر ئايدا بازارغا سېلىنىدىكەن.

ئۈندىدار سالونىمىزنى قوشىۋىلىڭ. ئىزدەش نۇمۇرى: KutyolNet

بېكەت ھەققىدە ئالاقلىشىڭ ھەمكارلىشىڭ سۆز قالدۇرۇڭ شىنجاڭ قۇتيول ئىلانچىلىق شىركىتى - 新疆酷德优广告有限公司
新ICP备14000049号-1 HosulCms تىن پايدىلىنىپ ياسالدى.