قارا بۆلجۈرگەن شىركىتى قاتتىق دېتال ساھەسىدىن چېكىنىپ چىقىدۇ
ۋاقىت: 2016/9/23 12:38:00| يوللىغۇچى: قۇتيول

IT ئائىلىسى خەۋىرى :

كانادادىكى Motley Fool تاراتقۇسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، قارا بۆلجۈرگەن (BlackBerry) شىركىتى 28-سېنتەبىر قاتتىق دېتال تارمىقىنى تاقايدىغان بولۇپ، بۇندىن كىيىن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ئېلان قىلمايدىكەن.

بۇ خەۋەردە دېيىلىشىچە، قارا بۆلجۈرگەن قاتتىق دېتال تارمىقى شىركەت تەتقىقات سېلىنمىسىنىڭ %65ىنى ئىگىلىگەن، ئەمما ئۇلار ئىشلەپچىقارغان يانفونلارنىڭ يەر شارى بازىرىدىكى ئۈلۈشى %1گىمۇ يەتمەيدىكەن.
قارا بۆلجۈرگەن CEOسى چېن شوۋزوڭ ئىلگىرىكى سۆزىدە، مۇشۇ ئاي ئىچىدە قاتتىق دېتال تارمىقىنى تاقاش-تاقىماسلىقنى قارار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھازىر 10-ئاينىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئازلا قالدى، قارىغاندا بۇ قارارمۇ ناھايىتى تېزلا سىرتقا ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن.

قارا بۆلجۈرگەن نۆۋەتتە بۇ قارارىنى يولغا قويۇشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەۋاتقان بولۇپ، شىركەت ئورگان تورىدا بارلىق يانداش ئۈسكۈنىلەر 27-سېنتەبىرگىچە %60لىك ئېتىبار باھادا سېتىلىدىكەن، 28-سېنتەبىر قارا بۆلجۈرگەن شىركىتى ئىككىنچى پەسىللىك سېتىش كىرىمى دوكلاتىنى ئېلان قىلىدىكەن، بەلكىم مۇشۇ ۋاقىتتا قاتتىق دېتال تارمىقىنى تاقايدىغانلىقىنى جاكارلىشىمۇ ئېھتىمالغا يىقىن.

قاتتىق دېتال تارمىقىنى تاقىغاندىن كېيىن قارا بۆلجۈرگەن شىركىتى تېخىمۇ كۆپ زېھنىنى يۇمشاق دېتال تەتقىقاتىغا قارىتالايدىكەن.

ئۈندىدار سالونىمىزنى قوشىۋىلىڭ. ئىزدەش نۇمۇرى: KutyolNet

بېكەت ھەققىدە ئالاقلىشىڭ ھەمكارلىشىڭ سۆز قالدۇرۇڭ شىنجاڭ قۇتيول ئىلانچىلىق شىركىتى - 新疆酷德优广告有限公司
新ICP备14000049号-1 HosulCms تىن پايدىلىنىپ ياسالدى.