گۇاڭجۇ ساقچىلىرى «10-سېنتەبىر ئالاھىدە زور زەھەر ياساش دېلوسى»نى پاش قىلدى
ۋاقىت: 2016/9/23 12:48:00| يوللىغۇچى: قۇتيول


2016-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچلەردە، گۇاڭجۇ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى «گۇاڭجۇ شەھىرى زەھەر چەكلەپ تەرتىپكە سېلىش 100 كۈنلۈك ھەرىكىتى مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى» ئۆتكۈزگەن بولۇپ، يىغىندا گۇاڭجۇ زېنچېڭ ساقچىلىرىنىڭ «10-سېنتەبىر ئالاھىدە زور زەھەر ياساش دېلوسى»نى پاش قىلغانلىقى ئېلان قىلىندى، بۇ دېلو بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان پۈتۈن مەملىكەت بويىچە پاش قىلىنغان، چېتىشلىق زەھەر مىقدارى ئەڭ كۆپ مۇزسىمان زەھەر دېلوسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

يېقىندا گۇاڭجۇ زېڭچېڭ ساقچىلىرى «قارا قويۇن 2016» مەخسۇس ھەرىكىتى جەريانىدا، زەھەر ياساش قارا ئۇۋىسىنى بىتچىت قىلىپ، 14 نەپەر گۇماندارنى قولغا ئالغان، ساقچى تەرەپ يەنە 2.55 توننا تەييار مۇزسىمان زەھەر ۋە يېرىم تەييار مۇزسىمان زەھەرنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەن. ساقچىلار نەق مەيداندىن يەنە بىر تۈركۈم زەھەر ياساش خام ئەشياسى ۋە زەھەر ياساش ئۈسكۈنىلىرىنى شۇنداقلا ئىككى مىليون 100 مىڭ يۈەن ئەتراپىدىكى زەھەر سېتىشتىن ئېرىشكەن پۇلنى قولغا چۈشۈرگەن.

ئۈندىدار سالونىمىزنى قوشىۋىلىڭ. ئىزدەش نۇمۇرى: KutyolNet

بېكەت ھەققىدە ئالاقلىشىڭ ھەمكارلىشىڭ سۆز قالدۇرۇڭ شىنجاڭ قۇتيول ئىلانچىلىق شىركىتى - 新疆酷德优广告有限公司
新ICP备14000049号-1 HosulCms تىن پايدىلىنىپ ياسالدى.