ئاياللارنىڭ بىر تەرىپىدىكى تۇخۇمدانىنى كېسىپ ئېلىۋەتسە تۇغقىلى بولامدۇ؟
ۋاقىت: 2016/10/5 12:00:00| يوللىغۇچى: قۇتيول

كلىنىكىدا بەزى تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللار ۋە ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللارنىڭ تۇخۇمدانىدا ئۆسمە ۋە خالتىلىق ئىششىق پەيدا بولسا ئوپېراتسىيە قىلىپ ئېلىۋېتىشكە توغرا كېلىدۇ. ئاياللار تۇخۇمدانىنىڭ ئىككى خىل رولى بار. بىرى، پىشىپ يېتىلگەن تۇخۇمنى ھاسىل قىلىدۇ،بۇ ئۇنىڭ نەسلى قالدۇرۇش رولى. يەنە بىرى نەسىل قالدۇرۇش ئەزالىرىنىڭ ئىچكى ئاجراتما رولىنى مۇستەھكەملەيدۇ.

ئەمەلىيەتتە، ئاياللارنىڭ نەسىل قالدۇرۇش رولى تۆرەلمە دەۋرىدىلا ئاساسىي جەھەتتىن بېكىتىلىدۇ. قىزلار تۇغۇلغاندا تۇخۇمداننىڭ ئىچىدە 100-500مىڭ تۇخۇم ھۈجەيرىسى بولىدۇ، ئاياللارنىڭ بىر پۈتۈن ئۆمرىدە تۇخۇم ھۈجەيرىلىرى ئۈزلۈكسىز يېتىلىدۇ ۋە ئۈزلۈكسىز يوقىلىپ  تۇرىدۇ. تۇغۇت يېشى دەۋرىدە نەچچە يۈز تۇخۇم ھۈجەيرىسى پىشىپ يېتىلىدۇ، ئىككى قېتىملىق ھەيز دەۋرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر تۇخۇم ھۈجەيرىسى پىشىپ يېتىلىپ سىرتقا چىقىرىلىدۇ. ئەگەر شۇ تۇخۇم ئۇرۇقلانسا ئۆسۈپ يېتىلىپ تۆرەلمە پەيدا بولىدۇ، تۇخۇمدان نەسىل قالدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تۇخۇم چىقىرىش تەييارلىقىدا تۇرىدۇ، تۇخۇم چىقىرىش ئىككى تەرەپتىكى تۇخۇمداندا نۆۋەت بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ ياكى بىر تەرەپتە داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. شۇڭا، تۇخۇم چىقىرىش رولى ياخشى بولسىلا بىر تەرەپتىكى تۇخۇمدان ئېلىۋېتىلسىمۇ تۇغۇش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتمەيدۇ، كلىنىكىلىق تەجرىبىلىرىدە، ئاياللارنىڭ بىر تەرەپتىكى تۇخۇمدانى ئېلىۋېتىلگەندىن كېيىنمۇ ھامىلدار بولىدىغانلىقى، ھەتتا بەزى ئاياللارنىڭ ئىككىلا تەرەپتىكى تۇخۇمدىنلا پەيدا بولغان ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمە ئوپېراتسىيە قىلىنغاندا تۇخۇمدان پوستلىقى ساقلاپ قېلىنسىلا، ئۇلارنىڭ تۇغۇش ئىقتىدارىدىن قالمايدىغانلىقى بايقالدى.

ئۈندىدار سالونىمىزنى قوشىۋىلىڭ. ئىزدەش نۇمۇرى: KutyolNet

بېكەت ھەققىدە ئالاقلىشىڭ ھەمكارلىشىڭ سۆز قالدۇرۇڭ شىنجاڭ قۇتيول ئىلانچىلىق شىركىتى - 新疆酷德优广告有限公司
新ICP备14000049号-1 HosulCms تىن پايدىلىنىپ ياسالدى.