قايسى دورىلارنى ئۇشتۇمتۇت توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ؟
ۋاقىت: 2016/10/11 11:09:00| يوللىغۇچى: قۇتيول


قان بېسىمنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلار: پروپرانولول، كلونىدىن، مېتىلدوپا قاتارلىق دورىلار يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىگە قارشى تۇرغۇچى دورىلاردۇر، ئۇ دورىلارنى ئىستېمال قىلىپ قان بېسىم تۆۋەنلەپ نورمال ھالەتكە كەلگەندىن كېيىن، ناۋادا دورا توختىتىپ قويۇلسا، قان بېسىمى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يەنە ئۆرلەپ كېتىدۇ. باش قېيىش، باش ئاغرىش، كۆز تورلىشىش قاتارلىق يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكنىڭ ئالامەتلىرى پەيدا بولىدۇ، تېخىمۇ ئېغىر بولغاندا مېڭە قان تومۇرلىرى يېرىلىپ كېتىدۇ.

تۇتقاقلىق كېسەللىكىگە قارشى تۇرغۇچى دورىلار: فىنتوئىنا، فىبوباربىتال قاتارلىق دورىلار بىلەن تۇتقاقلىق كېسەللىكنى داۋالىغاندا، ئۇ دورىلارنى ئۇزۇن مۇددەت ئىچسە ئۈنۈمى ياخشى بولۇش بىلەن بىللە بىخەتەر بولىدۇ. ئەگەر ئۇشتۇمتۇت توختىتىپ قويۇلسا تۇتقاقلىق كېسەللىكى قايتا قوزغىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ، ھەتتا تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىدۇ.

دىئابېت كېسەللىكىگە قارشى تۇرغۇچى دورىلار: ئىنسۇلىن قاندىكى شېكەر ماددىسىنى ئازايتىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك دورىلارنىڭ بىرى، بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر ئىنسۇلىننى ئىستېمال قىلىش جەريانىدا تۇيۇقسىز توختىتىپ قويۇلسا، كېسەل كىشىنىڭ قېنىدىكى شېكەر ماددىسى تۇيۇقسىز ئۆرلەپ كېتىدۇ، ھەتتا كېتون كىسلاتاسىدىن زەھەرلىنىپ ھوشىدىن كېتىش ئەھۋالى يۈز بېرىدۇ.

چوڭ مېڭە پوستلاق ھورمۇنىنى قوزغىغۇچى دورىلار: پرېدنىزون، دېكسامېتازون قاتارلىق ھورمۇن قوزغىغۇچى دورىلارنى كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر ۋە خەتەرلىك بولغان كېسەللەرگە ئىشلىتىش جەريانىدا ئەگەر دورا ئۇشتۇمتۇت توختىتىلىپ قويۇلسا، كېسەللىك ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ، ھەتتا ئۆلۈم خەۋپىگە كېلىپ چىقىدۇ.

يۈرەك رېتىمىنى نورماللاشتۇرغۇچى دورىلار: پروپرانولول، پروزولىن قاتارلىق دورىلار بىلەن تاجسىمان ئارتېرىيە بوتقىسىمان  قېتىش مەنبەلىك يۈرەك كېسەللىكى، يۈرەك سانجىقىنى داۋالىغاندا، ئەگەر دورا ئۈنۈم بەرگەندىن كېيىنلا توختىلىپ قويۇلسا يۈرەك سانجىقى قايتا قوزغىلىپ تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ، ھەتتا يۈرەك تومۇرلىرى توسۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن كېسەللىك تىزگىنلەنگەن ياكى ئاساسىي جەھەتتىن ساقايغاندىن كېيىنمۇ دورا ئىستېمال قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش ياكى توختىتىپ قويۇشنى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. بەزى دورىلارنى دورا مىقدارىنى بىر مەزگىل تەدرىجىي ئازايتقاندىن كېيىن، كېسەللىك ئەھۋالى قايتا قوزغالمىغان ئەھۋالدا ئاندىن توختىتىشقا بولىدۇ.

ئۈندىدار سالونىمىزنى قوشىۋىلىڭ. ئىزدەش نۇمۇرى: KutyolNet

بېكەت ھەققىدە ئالاقلىشىڭ ھەمكارلىشىڭ سۆز قالدۇرۇڭ شىنجاڭ قۇتيول ئىلانچىلىق شىركىتى - 新疆酷德优广告有限公司
新ICP备14000049号-1 HosulCms تىن پايدىلىنىپ ياسالدى.