ئالما خاتىرە كومپىيۇتېرىغا جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئېكران سەپلىنىشى مۇمكىن
ۋاقىت: 2016/10/11 11:18:00| يوللىغۇچى: قۇتيول



بېتا تورى خەۋىرى :

بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئالما شىركىتى MacBook تۈرىدىكى خاتىرە كومپىيۇتېرلىرىغا سامسۇڭ ۋە LG شىركىتىنىڭ ئېكرانلىرىنى ئىشلىتىپ كەلگەن ئىدى، ئەمما سامسۇڭ شىركىتى يېقىندا ئىشلەپچىقىرىشنى تەڭشىگەنلىكتىن ئالما شىركىتى يېڭى مال بىلەن تەمىنلەش مەنبەسى ئۈستىدە ئىزدىنىۋېتىپتۇ، بۇ قېتىمقىسى شارپ شىركتى بولماستىن بەلكى جۇڭگونىڭ جىڭدوڭفاڭ شىركىتىدۇر. ئەگەر بۇ ئىش ئەمەلىلەشسە ئالما شىركىتىنىڭ MacBook تۈرىدىكى خاتىرە كومپىيۇتېرلىرىغا تۇنجى قېتىم جۇڭگو شىركەتلىرىنىڭ ئېكرانىنى ئىشلىتىشى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. مەلۇم بولۇشىچە جىڭدوڭفاڭ شىركىتى 8-ئايدا ئالمىنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرگەن، كەلگۈسىدىكى 13.3 دىيوملۇق MacBook Air خاتىرە كومپىيۇتېرىغا مەزكور شىركەتنىڭ ئېكرانى ئىشلىتىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئالما شىركىتىنىڭ مال تەمىنلىگۈچى شىركەتلەرگە قويىدىغان تەلىپى ناھايتى قاتتىق. جىڭدوڭفاڭ شىركىتى ئىككى يىل ئىلگىرىلا بىر ئالاھىدە ئەترەت تەشكىللىگەن بولۇپ، ئاساسلىقى ئالما شىركىتىنىڭ زاكاز تالونىنى قولغا كەلتۈرۈشكە مەسئۇل بولغان، بۇ تەدبىر ئاخىرى ئۇتۇقلۇق بولغان بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە يىل ئاخىرىدا ئالما شىركىتىنى مەلۇم مىقداردىكى ئېكران بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

ئىچكى ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئېكران ئىشلەپچىقىرىش سانائىتىنىڭ سەۋىيەسى كۆپ يىللىق تىرىشىش داۋامىدا تەيۋەن، ياپونىيە، كورېيەنىڭ سەۋىيەسىگە يېقىنلىشىپ قالغان. بۇ قېتىم جىڭدوڭفاڭ شىركىتىنىڭ ئالما زاكاز تالونلىرىغا ئېرىشىشى جۇڭگونىڭ ئېكران ياساش تېخنىكىسىنىڭ چەتئەللەر بىلەن بولغان پەرقنىڭ بارغانسېرى كىچىكلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈدىكەن.

ئۈندىدار سالونىمىزنى قوشىۋىلىڭ. ئىزدەش نۇمۇرى: KutyolNet

بېكەت ھەققىدە ئالاقلىشىڭ ھەمكارلىشىڭ سۆز قالدۇرۇڭ شىنجاڭ قۇتيول ئىلانچىلىق شىركىتى - 新疆酷德优广告有限公司
新ICP备14000049号-1 HosulCms تىن پايدىلىنىپ ياسالدى.