سېغىز چايناش بەدەندىكى ماينى ئېرىتىشكە پايدىلىق
ۋاقىت: 2016/10/19 17:43:00| يوللىغۇچى: قۇتيول



كۆپلىگەن كىشىلەر تاماقتىن كېيىن ياكى ئۇچرىشىشقا چىقىشتىن بۇرۇن سېغىز چايناش ئارقىلىق ئېغىز بوشلۇقى پاكىزلىقىنى ساقلايدۇ. سېغىزنىڭ يەنە بەدەندىكى ماينى ئېرىتىش رولى بار.


ئامېرىكىدىكى بىر تەتقىقات ئورنىنىڭ بايقىشىچە، بىر سائەت سېغىز چاينىغاندا 11 كالورىيە ماي ئېرىيدىكەن، كۈندە ئىككى سائەت سېغىز چاينىغاندا بىر يىلدا 8030 كالورىيە ماي ئېرىيدىكەن. ئەگەر چاينىغىنىڭىز قەنتسىز سېغىز بولسا، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن.

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئادەتتە قەنتسىز سېغىزنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى 2 دىن 5 كالورىيەگىچە بولۇپ، قەنتلىك سېغىزغا قارىغاندا 5 كالورىيە ئەتراپىدا ئاز ئىكەن، ئەگەر قەنتسىز سېغىز چاينىغاندا بىر يىلدا 3650 كالورىيە ئىسسىقلىقنى ئاز قوبۇل قىلغانغا باراۋەر بولىدىكەن.

ئۈندىدار سالونىمىزنى قوشىۋىلىڭ. ئىزدەش نۇمۇرى: KutyolNet

بېكەت ھەققىدە ئالاقلىشىڭ ھەمكارلىشىڭ سۆز قالدۇرۇڭ شىنجاڭ قۇتيول ئىلانچىلىق شىركىتى - 新疆酷德优广告有限公司
新ICP备14000049号-1 HosulCms تىن پايدىلىنىپ ياسالدى.