ئالاقىدار خەۋەرلەر

«مۇسكۇلنىڭ ئاچ قېلىشى» دېگەن نېمە؟
ۋاقىت: 2016/9/22 11:34:00| يوللىغۇچى: قۇتيول

ئازراق ھەرىكەت قىلغاندا ياكى ئۇزاقراق ئەمگەك قىلغاندا بەدەن بوشىشىپ كەتكەندەك، يۈرەك سىقىلغاندەك، نەپەس قىسىلغاندەك، باش قايغاندەك ئالامەت كۆرۈلسە، قولنىڭ سىقىش كۈچى، بەدەننىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچى ئاجىز بولسا، بۇ «مۇسكۇلنىڭ ئاچ قېلىش» كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلىقنىڭ ئالامىتى ھېسابلىنىدۇ.

ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار بۇ كېسەلگە كۆپرەك گىرىپتار بولىدۇ، ئۇلار ئۇزاق مۇددەت ئولتۇرۇپ ئىشلەپ جىسمانىي ھەرىكەتكە ئاز قاتناشقانلىقتىن، ھەرىكەت ۋە ئەمگەك سىجىللىقى مۇسكۇل ۋە سۆڭەكنىڭ تەلىپىنى قاندۇرالمايدۇ. ئۇزاق مۇددەت جىسمانىي ئەمگەككە قاتناشمىغانلارنىڭ %20ى سېمىزلىك كېسەللىكىگە،%40ى  «مۇسكۇلنىڭ ئاچ قېلىش كېسەللىكى»گە گىرىپتار بولۇشى مۇمكىن. بۇ كىشىلەر ئېنېرگىيە بىلەن تولۇق تەمىنلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىسسىقلىق سەرپىياتى بىر قەدەر ئاز بولغاچقا، بەدەندە ياغ يىغىلىپ قالىدۇ، بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىدۇ، لېكىن بۇلارنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولمايدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، توقۇلمىلاردا ئوكسىگېننىڭ نىسپىي ھالدا كېمىيىشى بىلەن كالىي ئىونلىرى يۈرەك مۇسكۇلىدىن ئاجراپ كېتىپ، يۈرەكنىڭ خىزمەت ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. نەتىجىدە، يەتكۈزۈش( بۇ يەردە نېرۋا تالالىرىنىڭ تاشقى مۇھىتتىكى تەسىرلەرنى چوڭ مېڭە پوستلاقىغا يەتكۈزۈش ياكى چوڭ مېڭە پوستلاقى پائالىيىتىنىڭ ئەتراپلىرىغا يەتكۈزۈلۈشى كۆرسىتىلىدۇ) توسۇلۇپ قېلىپ، يۈرەك سوقۇشى ئاجىزلىشىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يۈرەكنىڭ سوقۇش رىتىمى تەرتىپسىزلىشىدۇ.

ئەمگەك ۋە تەنھەرىكەتكە ئىمكانقەدەر كۆپ قاتنىشىش «مۇسكۇلنىڭ ئاچ قېلىش كېسەللىكنىڭ» ئالدىنى ئېلىشتا ئىنتايىن زۆرۈر.



ئۈندىدار سالونىمىزنى قوشىۋىلىڭ. ئىزدەش نۇمۇرى: KutyolNet

بېكەت ھەققىدە ئالاقلىشىڭ ھەمكارلىشىڭ سۆز قالدۇرۇڭ شىنجاڭ قۇتيول ئىلانچىلىق شىركىتى - 新疆酷德优广告有限公司
新ICP备14000049号-1 HosulCms تىن پايدىلىنىپ ياسالدى.