ئالاقىدار خەۋەرلەر

مىسىر دېڭىز تەۋەلىكىدىكى كېمە ئۆرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسىدە قازا قىلغان مۇساپىر سانى 42گە يەتتى
ۋاقىت: 2016/9/22 11:40:00| يوللىغۇچى: قۇتيول


ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مىسىر سەھىيە مىنىستىرلىكى 21-چېسلا ئېلان قىلغان باياناتىدا ئېيتىلىشىچە، 600گە يېقىن مۇساپىر ئولتۇرغان بىر كېمە 21-چېسلا مىسىرنىڭ شېيخ ئۆلكىسى ئەتراپىدىكى دېڭىز رايونىدا چۆكۈپ كەتكەن بولۇپ، قۇتقۇزۇش خادىملىرى 150دىن ئارتۇق ئادەمنى قۇتۇلدۇرۇۋالغان، ئاز دېگەندە 42 ئادەم قازا قىلغان، مۆلچەرلىنىشىچە، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى داۋاملىق كۆپىيىشى مۇمكىن ئىكەن. سۈرەتتە، يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى قۇتقۇزۇش خادىملىرىنى كۈتمەكتە، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرىنىڭ ھايات ياكى قازا قىلغانلىقى ئېنىق ئەمەس

باياناتتا ئېيتىلىشىچە، يەرلىك سەھىيە مىنىستىرلىكى 15 قۇتقۇزۇش ماشىنىسى ئاجرىتىپ، ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنى توشۇشقا ئىشلەتكەن، قۇتقۇزۇش خادىملىرى داۋاملىق تۈردە ھايات قالغۇچىلارنى ئىزدەۋاتقان بولۇپ، يەرلىك دوختۇرخانىلار «جىددىي ھالەتكە كىرىپ» پۈتۈن كۈچى بىلەن داۋالاش قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. مىسىرنىڭ بۇھەيرا ئۆلكىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىخەتەرلىك ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، دەسلەپكى قەدەمدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، كېمىنىڭ چۆكۈپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب يۈكنىڭ زىيادە ئارتىپ كەتكەنلىكى بولۇپ، كېمىنىڭ ئۆرۈلۈپ كېتىپ، يولۇچىلارنىڭ سۇغا چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئېتىشىچە، بۇ شېيخ ئۆلكىسى تارىخىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئوغرىلىقچە چېگرادىن ئۆتۈش دېلوسى ئىكەن، ۋەقەگە ئۇچرىغان كېمىدىكى مۇساپىرلار مىسىر، سۇرىيە ۋە ئافرىقا قىتئەسىدىن كەلگەنلەر بولۇپ، مۇساپىرلار كېمىسىنىڭ قەيەرگە بارىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس ئىكەن، بىراق، ئىتالىيەگە بېرىش مۇمكىنچىلىكى خىلىلا چوڭ. سۈرەتتە، يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى دېڭىز قىرغىقىغا توپلانغان.

يېقىنقى بىر قانچە ئايدىن بۇيان، يەر ئوتتۇرا دېڭىزىنىڭ ھاۋا رايى ياخشىلانغان بولۇپ، كۆپ سانلىق مۇساپىرلار ئافرىقىدىن كېمىگە ئولتۇرۇپ، ئوغرىلىقچە چېگرادىن ئۆتۈش ئارقىلىق، ئىتالىيەگە بارماقچى بولغان. نۇرغۇن ئادەم ئوغرىلىقچە چېگرادىن ئۆتكۈزگۈچىلەرگە پۇل تۆلەپ، كېمىلەرگە ئورۇنلاشقان، بىراق، ئوغرىلىقچە چېگرادىن ئۆتكۈزگۈچىلەر مەنپەئەتىنى كۆزلەپ، چەكلىمىدىن ھالقىغان ھالدا يۈك بېسىپ، كېمىنىڭ چۆكۈپ كېتىش خەۋپىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان. سۈرەتتە، مۇساپىرلار كېمىسىگە ئولتۇرۇپ، شىمالىي ئافرىقىدىن ياۋروپا قىتئەسىگە كېتىۋاتقان بالىلار.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىلنىڭ دەسلىپىدىن ھازىرغا قەدەر، يەر ئوتتۇرا دېڭىز ئارقىلىق ياۋروپا قىتئەسى دېڭىز قىرغىقىغا بارغان مۇساپىرلار ۋە كۆچمەنلەرنىڭ سانى 300مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. ئۆتكەن يىلى ئالدىنقى توققۇز ئاي ئىچىدىكى 520مىڭ ئادەمگە سېلىشتۇرغاندا، روشەن ئازايغان. مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىل ئوغرىلىقچە چېگرادىن ئۆتكۈچىلەرنىڭ سانى ئۆتكەن يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، 42 پىرسەنت ئازايغان بولسىمۇ، بىراق، ئۆلگەن ۋە يوقاپ كەتكەن ئادەم سانى يەنىلا يۇقىرى بولغان. ئۆتكەن يىلى پۈتۈن بىر يىلدا، دېڭىزدا كېمە ئۆرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسى سەۋەبىدىن، ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ سانى 3771گە يەتكەن. بۇ يىل ھازىرغا قەدەر، ئاللىقاچان 3211 ئادەم قازا قىلغان ياكى يوقاپ كەتكەن.

ئۈندىدار سالونىمىزنى قوشىۋىلىڭ. ئىزدەش نۇمۇرى: KutyolNet

بېكەت ھەققىدە ئالاقلىشىڭ ھەمكارلىشىڭ سۆز قالدۇرۇڭ شىنجاڭ قۇتيول ئىلانچىلىق شىركىتى - 新疆酷德优广告有限公司
新ICP备14000049号-1 HosulCms تىن پايدىلىنىپ ياسالدى.