ئالاقىدار خەۋەرلەر

ياپونىيە كانتو رايونىنىڭ دېڭىز ئەتراپىدا 6.5 بال يەر تەۋرىدى
ۋاقىت: 2016/9/23 12:02:00| يوللىغۇچى: قۇتيول


جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 9-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى خەۋىرى، ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 23-سېنتەبىر ئەتىگەندە ياپونىيە كانتو رايونى ئەتراپىدىكى شەرقىي قىسىم دېڭىز تەۋەسىدە 6.5 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، ياپونىيە پايتەختى توكيونى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن جايلاردا كۆرۈنەرلىك تەۋرىنىش سېزىلگەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش شۇ يەر ۋاقتى 23-سېنتەبىر ئەتىگەن سائەت 9:14 ئۆتكەندە يۈز بەرگەن بولۇپ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 كىلومېتىرغا يەتكەن. ئىگەللىنىلىشىچە، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش دېڭىز شاۋقۇنى كەلتۈرۈپ چىقارمىغان.

ئۈندىدار سالونىمىزنى قوشىۋىلىڭ. ئىزدەش نۇمۇرى: KutyolNet

بېكەت ھەققىدە ئالاقلىشىڭ ھەمكارلىشىڭ سۆز قالدۇرۇڭ شىنجاڭ قۇتيول ئىلانچىلىق شىركىتى - 新疆酷德优广告有限公司
新ICP备14000049号-1 HosulCms تىن پايدىلىنىپ ياسالدى.