ئالاقىدار خەۋەرلەر

بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋىتىنى ئاسراش ئۈچۈن.......
ۋاقىت: 2016/9/23 12:08:00| يوللىغۇچى: قۇتيول

مۇنچا ئىسىتىش چىرىغىنى ئۆچۈرۈش: بالىلارنى يۇيۇندۇرغاندا مۇنچا ئىسىتىش چىرىغىنى ئۆچۈرۈش كىرەك، چۈنكى مۇنچا ئىسىتىش چىرىغىنىڭ ئېنىرگىيەسى ۋە نۇرى ئىنتايىن كۈچلۈك، شۇڭا بۇ خىل چىراغ بالىلارنىڭ كۆرۈش تور پەردىسى سېرىق دېغىغا زىيان سالىدۇ.

دالىدا پائالىيەت قىلدۇرۇش: تەبىئىي نۇر ئاستىدا كۆز ئازادىلىشىپ قالىدۇ، بۇنداق تەبىئىي نۇر بەدەن بىلەن كۆزنىڭ نېرۋا يەتكۈزۈش ماددىسى ئاجىرتىشىغا ھەمدەم بولۇپ، كۆزنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك كىسىلى دەرىجىسىگە تەرەققىي قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

يېقىن ئارىلىققا قاراشنى قىسقارتىش: كۆزنىڭ بىر كۈندە يېقىن ئارىلىققا قارىغان ۋاقتى ئالتە سائەتتىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.

چىراغنى ئۆچۈرۈپ ئۇخلاش: مۇتەخەسىسلەرنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى بالا ئىككى ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن چىراغنى ياندۇرۇپ ئۇخلاشقا ئادەتلەنسە، كەلگۈسىدە يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى %34 ئۆرلەيدىغانلىقىنى؛ ئىككى ياشقا كىرگەندىن كىيىنمۇ چىراغنى ئۆچۈرمەي ئۇخلىسا، بۇ نىسبەت%55 كە ئۆرلەيدىغانلىقىنى دەلىللىدى.

ئېلىكتىرونلۇق نەرسىلەرنى بەرمەسلىك: بالىلار ئېلىكتىرونلۇق ئىكرانغا ئۇزاق قارىسا، يىراقنى كۆرەلمەسلىك ياكى كۆز نۇرى چېچىلىش دېگەندەك كۆز كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى كۈچىيدۇ.

تاماق تاللىماسلىق: ۋىتامىن ئا بىلەن كىسانتوفىلىغا ئوخشاش ماددىلار بالىلارنىڭ كۆزىگە پايدىلىق، شۇڭا بالىلار ئانا سۈتى بىلەن ئۇزۇقلانغاندىن باشقا، يەنە ئادەتتىكى تاماقلارنىمۇ يەپ، تاماق ۋە كۆكتاتتىن كىسانتوفىل قوبۇل قىلمىسا بولمايدۇ.


ئۈندىدار سالونىمىزنى قوشىۋىلىڭ. ئىزدەش نۇمۇرى: KutyolNet

بېكەت ھەققىدە ئالاقلىشىڭ ھەمكارلىشىڭ سۆز قالدۇرۇڭ شىنجاڭ قۇتيول ئىلانچىلىق شىركىتى - 新疆酷德优广告有限公司
新ICP备14000049号-1 HosulCms تىن پايدىلىنىپ ياسالدى.