ئالاقىدار خەۋەرلەر

ئامېرىكا مونتانا ئىشتاتىدىكى بىر ئارال داچىسى بىلەن قوشۇپ سېتىلماقچى
ۋاقىت: 2016/10/5 11:46:00| يوللىغۇچى: قۇتيول



جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى :

چەتئەل مېدىيالىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ مونتانا ئىشىتاتى Flathead كۆلى ئوتتۇرىسىدىكى شىرتېل ئارىلى دۇنيادىكى ئەڭ پاكىز جايلارنىڭ بىرى دەپ ئاتالغان. مونتانا ئىشىتاتى يەر كۆلىمى 133.5 مو كېلىدىغان بۇ ئارالنى كۆلىمى 2040 كىۋادىرات مېتىر كېلىدىغان داچا بىلەن قوشۇپ سېتىۋەتمەكچى، باھاسى 39 مىليون ئامېرىكا دوللىرى.

ئىگىلىنىشىچە،2011-يىلى سېلىنغان داچىنىڭ 5 ياتاق ياتىقى، 8 تازىلىق ئۆيى، چوڭ زال بولۇپ، چوڭ زالنىڭ ئېگىزلىكى 14 مېتىر كېلىدىكەن، مەنزىرىسى ناھايىتى گۈزەل. ھازىرقى باھاسى تۆت يىل بۇرۇن ئۆي مۈلۈكچىلىك ماگناتى ئابى قويغان باھانىڭ پەقەت يېرىمىغا توغرا كېلىدىكەن.

بۇ داچا 3 قەۋەتلىك بولۇپ، ھەممىسىدە لېفىت بار ئىكەن. مىستىن ھەل بېرىلگەن پارنىك، رېستوران ئاشخانا بار ئىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۆي ئىچى قارىغا ئېتىش مەيدانى، پارلىق پاراخوت ئامبىرى ۋە رېلىس سىستېمىسى بار ئىكەن، ئۇنىڭ كۆلىمى 242 كىۋادىرات مېتىر كېلىدىغان مېھمانخانىسىدا يەنە 2 ياتاق، 4 تازىلىق ئۆيى، ھور مۇنچىسى بار ئىكەن.

ئۈندىدار سالونىمىزنى قوشىۋىلىڭ. ئىزدەش نۇمۇرى: KutyolNet

بېكەت ھەققىدە ئالاقلىشىڭ ھەمكارلىشىڭ سۆز قالدۇرۇڭ شىنجاڭ قۇتيول ئىلانچىلىق شىركىتى - 新疆酷德优广告有限公司
新ICP备14000049号-1 HosulCms تىن پايدىلىنىپ ياسالدى.