ئالاقىدار خەۋەرلەر

رۇسىيە-قازاقىستان زۇڭتۇڭلىرى كۆرۈشتى، 27 مىليارد دوللارلىق كېلىشىم ئىمزالىنىشى مۇمكىن
ۋاقىت: 2016/10/5 11:51:00| يوللىغۇچى: قۇتيول


جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 4-ئۆكتەبىر ئاستانىدىن بەرگەن تېلېگراممىسى :

قازاقىستان زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ ئاشكارىلىغان ئۇچۇرىغا قارىغاندا، قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايېف شۇ جاي ۋاقتى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى قازاقىستان پايتەختى ئاستانە شەھىرىدىكى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە، زىيارەتكە كەلگەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. ئىككى دۆلەت زۇڭتۇڭلىرى ھەمكارلىقنى ئاساسىي مەزمۇن قىلىپ سۆھبەتلەشكەن.

نەزەربايىف رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ قازاقىستانغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ھەمدە «بىرلىك رۇسىيە پارتىيەسى» نىڭ يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن دۇما سايلىمىدا پۇتىننىڭ غەلىبە قىلغانلىقىنى تەبرىكلىگەن.

نەزەربايىف: «بۇ قېتىمقىسى ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرىنىڭ 8-قېتىم ئۇچرىشىشى» دەپ كۆرسەتتى. پۇتىن قازاقىستان تەرەپنىڭ قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. پۇتىن ئىپادە بىلدۈرۈپ: «رۇسىيە بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك ۋە ئىتتىپاقداشلىق خاراكتېرگە ئىگە، بىز بارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىزچىل ساقلاپ كېلىۋاتىمىز» دېدى.

ئىككى دۆلەت ئەلباشلىرىنىڭ ئۇچرىشىش پىلانى بويىچە، ئۇلار يەنە شۇ كۈنى ئاستانىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان«13-نۆۋەتلىك رۇسىيە-قازاقىستان ھەمكارلىق مۇنبىرى» گە قاتنىشىدۇ. قازاقىستان ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، نەزەربايىف سۆھبەت جەريانىدا ئىپادە بىلدۈرۈپ، بۇ قېتىمقى مۇنبەرنىڭ قازاقىستان ۋە رۇسىيەنىڭ ھەمكارلىقىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ قېتىمقى مۇنبەرگە يەنە 900 نەپەردىن ئارتۇق ئىككى دۆلەتنىڭ كارخانىچىلىرى ۋە مۇھىم ئەربابلىرى قاتنىشىدۇ. ئىككى تەرەپ بۇ قېتىم ئۆتكۈزگەن سۆھبەتتە، ئومۇمىي سوممىسى 27 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىغان 40 تۈرلۈك بىرلەشمە كېلىشىم ئىمزالىنىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن.

پۇتىن ئىپادە بىلدۈرۈپ، تەخمىنەن 400 نەپەرگە يېقىن رۇسىيە ۋەكىللىرىنىڭ بۇ قېتىمقى مۇنبەرگە قاتنىشىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ خىزمىتىنىڭ رۇسىيە ۋە قازاقىستان ھەمكارلىقى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. پۇتىن: «بۇ قېتىمقى مۇنبەردە سۆھبەتلىشىۋاتقان مەزمۇنلار ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، رايون ھالقىغان ئەشيا ئوبوروتى ۋە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ» دېدى. پۇتىن يەنە: «%70 رۇسىيە-قازاقىستان سودا سوممىسىنىڭ رايون ھەمكارلىقىغا تايىنىپ تاماملىنىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. بىز بۈگۈن پىلانلىغان بۇ تۈرلەرنىڭ ناھايىتى پايدىلىق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن» دېدى.

بۇنىڭدىن سىرت پۇتىن يەنە تەكىتلەپ: «بىر قىسىم ئوبيېكتىپ ئامىللار تۈپەيلىدىن رۇسىيە بىلەن قازاقىستاننىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى خېلى زور زەربىگە ئۇچرىدى. بىز چوقۇم بۇ مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، پاسسىپ تەسىرنى تۈگىتىدىغان ئەڭ ياخشى لايىھەنى ئويلاپ چىقىشىمىز كېرەك» دېدى.

قازاقىستان ۋە رۇسىيە ئىككى دۆلەت زۇڭتۇڭلىرى شۇ كۈندىكى سۆھبەتتە يەنە، خەلقئارا ۋە رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.


ئۈندىدار سالونىمىزنى قوشىۋىلىڭ. ئىزدەش نۇمۇرى: KutyolNet

بېكەت ھەققىدە ئالاقلىشىڭ ھەمكارلىشىڭ سۆز قالدۇرۇڭ شىنجاڭ قۇتيول ئىلانچىلىق شىركىتى - 新疆酷德优广告有限公司
新ICP备14000049号-1 HosulCms تىن پايدىلىنىپ ياسالدى.