ئالاقىدار خەۋەرلەر

چىش چوتكىلاش ئاشقازان ئاستى بېزى راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى مۇمكىن
ۋاقىت: 2016/10/5 11:55:00| يوللىغۇچى: قۇتيول

چىش چوتكىلاش چىش ساغلاملىقىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردىمى بولۇشى مۇمكىن.

نىيۇيورك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يېقىندا ئېچىلغان ئامېرىكا راك كېسىلى تەتقىقات جەمئىيىتى يىغىنىدا مۇنداق دېدى :  ئۆتكەنكى 10 نەچچە يىل ئىچىدە، ئۇلار 732 كىشىنى ئىز قوغلاپ تەتقىق قىلىپ، ئىككى خىل چىش ئەتراپى ياللۇغىنى پەيدا قىلىدىغان باكتېرىيەنىڭ ئاشقازان ئاستى بېزى راكى قوزغىلىشى بىلەن مۇئەييەن باغلىنىشى بار. بۇ 10 نەچچە يىلدا تەتقىقات ئوبيېكتىنىڭ يېرىمدىن كۆپرەك ئادەم ئاشقازان ئاستى بېزى راكى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان، قالغان يېرىم ئادەم ساغلام تۇرغان. ئۇلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى باكتېرىيە ئەۋرىشكىسىنى يىغىش ۋە تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، ئېغىز بوشلۇقى چىش مىلىكى پورفىرىن تاق ھۈجەيرىلىك باكتېرىيە بار ئادەمنىڭ ئاشقازان ئاستى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %59 كە يەتكەن، ئېغىز بوشلۇقى ئەگەشمە نۇر چاچقۇچى تاياقچە باكتېرىيە بار ئادەمنىڭ ئاشقازان ئاستى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %119 كە يەتكەن. تەتقىقاتچىلار مۇنداق دېدى: بۇ ئىككى خىل باكتېرىيەنىڭ ئاشقازان ئاستى بېزى راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى دەلىللەنمىگەن بولسىمۇ، ئەمما كىشلەر ئادەتتە چىش پاكىزلىقى ۋە ياخشى بولغان تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. بۇ تەتقىقات نەتىجىسى بەلكىم بۇ خىل راك كېسەللىكىگە دەسلەپكى دىياگنوز قويۇش ۋە ئالدىنى ئېلىشتا يېڭى يول ئېچىشى مۇمكىن.  

ئاشقازان ئاستى بېزى راكى بىر خىل يامان سۈپەتلىك ئۆسمە بولۇپ، بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى % 90 كە يېتىدۇ، شۇنداقلا دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش ناھايىتى تەس. ئالما شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى جوبىسمۇ دەل مۇشۇ كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن. قاراشلارچە، بۇ كېسەل تاماكا چېكىش، سېمىزلىك، دىيابېت كېسىلى ۋە ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، تەتقىقاتچىلار ئىزچىل ھالدا ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلىنى ئىزدىمەكتە .


ئۈندىدار سالونىمىزنى قوشىۋىلىڭ. ئىزدەش نۇمۇرى: KutyolNet

بېكەت ھەققىدە ئالاقلىشىڭ ھەمكارلىشىڭ سۆز قالدۇرۇڭ شىنجاڭ قۇتيول ئىلانچىلىق شىركىتى - 新疆酷德优广告有限公司
新ICP备14000049号-1 HosulCms تىن پايدىلىنىپ ياسالدى.