ئالاقىدار خەۋەرلەر

ئىتالىيەدە بۇ يىلقى تۇنجى قار ياغدى
ۋاقىت: 2016/10/11 11:23:00| يوللىغۇچى: قۇتيول

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 10-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى :

چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياز پەسلىنىڭ ئەمدى ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئىتالىيەنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسىم رايونلىرىدا ۋە ئالپىس تېغى رايونىدا بۇ يىلقى تۇنجى قار ياغقان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 9-چېسلا كەچتە ئىتالىيەنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز رايونلىرىدا قار يېغىشقا باشلىغان.

ئالپىس تېغى رايونىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن 2000 مېتىر ئېگىز جايلىرىدا ياغقان قارنىڭ قېلىنلىقى 20 سانتىمېتىردىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 1100 مېتىر ئېگىز كېلىدىغان بىر قىسىم رايونلاردىمۇ قار ياغقان.

ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش ئورگانلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز رايونلاردا يېغىۋاتقان قار بىر قانچە كۈن ئۇدا يېغىپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، قارنىڭ بۇنداق بالدۇر يېغىشى بۇ يىللىق قىش پەسلىدە قار يېغىش مىقدارىنىڭ ئانچە ئاز بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدىكەن، بۇ شۇنداقلا يەنە قار تېيىلىش تەنھەركىتى ئۈچۈن بىر خۇشخەۋەر ھېسابلىنىدىكەن.


ئۈندىدار سالونىمىزنى قوشىۋىلىڭ. ئىزدەش نۇمۇرى: KutyolNet

بېكەت ھەققىدە ئالاقلىشىڭ ھەمكارلىشىڭ سۆز قالدۇرۇڭ شىنجاڭ قۇتيول ئىلانچىلىق شىركىتى - 新疆酷德优广告有限公司
新ICP备14000049号-1 HosulCms تىن پايدىلىنىپ ياسالدى.