ئالاقىدار خەۋەرلەر

ماراكەش پادىشاھى ئابدۇللاھ بىنكىرانىنى يېڭى باش ۋەزىرلىككە تەيىنلىدى
ۋاقىت: 2016/10/11 11:25:00| يوللىغۇچى: قۇتيول



شىنخۇا تورى 11-ئۆكتەبىر خەۋىرى :

ماراكەش پادىشاھى مۇھەممەد Ⅵ ئونىنچى ئۆكتەبىر ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ باش سېكرىتارى ئابدۇللاھ بىنكىرانى (Abdelilah Benkirane)نى باش ۋەزىرلىككە تەيىنلىدى ھەم ئۇنىڭغا يېڭى ئىچكى كابېنت تەشكىللەش ھوقۇقىنى بەردى.

7-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن ماراكەش پارلامېنت سايلىمىدا ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى 395 ئورۇننىڭ 125ىگە ئېرىشىپ، يەنە بىر قېتىم پارلامېنتتىكى بىرىنچى پارتىيە بولدى. ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ رىقابەتچىسى راستچىللىق ۋە زامانىۋىلىق پارتىيەسى 102 ئورۇنغا ئېرىشتى.

ماراكەش ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن پادىشاھ پارلامېنت سايلىمىدا ئەڭ كۆپ ئورۇنغا ئېرىشكەن پارتىيەنىڭ ئەزاسىنى باش ۋەزىرلىككە تەيىنلەيدۇ ھەم ئىچكى كابېنت تەشكىللەشكە مەسئۇل قىلىدۇ.

تەھلىلچىلەر پارلامېنتتا مۇتلەق كۆپ سانلىق ئورۇنغا ئېرىشەلمىگەچكە ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى پارلامېنتتىكى باشقا پارتىيەلەر بىلەن بىرلىشىپ ئىچكى كابېنت تەشكىللەيدۇ، راستچىللىق ۋە زامانىۋىلىق پارتىيەسى يېڭى ھۆكۈمەتكە كىرەلمەسلىك مۇمكىنچىلىكى سەۋەبىدىن ئابدۇللاھ بەكىرانىنىڭ ئىچكى كابېنت تەشكىللەشنى تاللاش ئىمكانىيىتى چوڭ ئەمەس، بەزى ھەمكارلىق پارتىيەلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىشى ياكى يول قويۇشى مۇمكىن، دەپ قارىغان.

2011-يىلى ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى پارلامېنت سايلىمىدا پارلامېنتتىكى بىرىنچى چوڭ پارتىيەگە ئايلانغان. ئابدۇللاھ بىنكىرانى مۇشۇ سەۋەبتىن ماراكەش تارىخىدىكى ئىسلام پارتىيەسى رەھبىرىدىن چىققان تۇنجى باش ۋەزىر بولغانىدى.

ئۈندىدار سالونىمىزنى قوشىۋىلىڭ. ئىزدەش نۇمۇرى: KutyolNet

بېكەت ھەققىدە ئالاقلىشىڭ ھەمكارلىشىڭ سۆز قالدۇرۇڭ شىنجاڭ قۇتيول ئىلانچىلىق شىركىتى - 新疆酷德优广告有限公司
新ICP备14000049号-1 HosulCms تىن پايدىلىنىپ ياسالدى.